昆明康辉旅行社

ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﺎ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻦ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻨﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ比赛视频

来源:FIFA13139991684    发布时间:2019-07-10 21:25:20

سالونىمىز نى قوشىۋىلىشنى ئۇنوتماڭ

EliDiyar


   4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭ 00:45 ﺗﻪ، 2015-2016-ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯘﺯﻏﯘﻧﻠﯘﻕ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﺪﻯ، ﺑﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻛﯩﺮﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ» ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﺎ ﺳﺎﮪﯩﺒﺨﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺯﻩﺭﺩﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻦ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺷﺘﻰ. ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﯨﻦ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ 1974-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯘﺯﻏﯘﻧﻠﯘﻕ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﺘﺎ 1-1 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻠﻪﺷﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﺘﺎ ﺑﺎﻳﺮﯨﻦ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ 4-0 ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 10-ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﺪﺍ، ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﺎ ﻗﺎﺗﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﺎ ﺗﻮﭘﭽﯩﺴﻰ ﺳﺎﺋﯘﻝ ﺑﺎﻳﺮﯨﻦ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻨﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺗﻮﭘﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 12-ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﺪﺍ، ﺑﺎﻳﺮﯨﻦ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﯨﻦ ﺩﻭﮔﯩﻼﺱ ﻛﻮﺳﺘﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻲ ﺗﻮﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﺳﻮﻗﺘﻰ. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 29-ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﺪﺍ، ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﯩﺪﯨﻦ ﮔﯧﺮﯨﺰﻣﺎﻥ ﺗﻪﭘﻜﻪﻥ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﻧﻮﻳﯧﺮ ﺗﻮﺳﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻱ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ 1-0 ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ.

    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 53-ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﺪﺍ،  ﺑﺎﻳﺮﯨﻦ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﺑﺎ ﻳﯧﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺗﻮﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﺳﻮﻗﺘﻰ. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 63-ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﺪﺍ، ﻟﯧﯟﺍﻧﺪﻭﯞﯨﺴﻜﻰ ﺗﻪﭘﻜﻪﻥ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﺎ ﻗﺎﭘﻘﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺑﻼﻙ ﺗﻮﺳﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 74-ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﺪﺍ، ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺭﺭﯦﺲ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﺳﻮﻗﺘﻰ، ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﻛﻮﻛﯥ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﭘﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻧﻮﻳﯧﺮ ﺑﯘ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻱ، ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﺎ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ 1-0 ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺋﺎﺗﻠﯧﺘﻜﺎ ﻗﺎﭘﻘﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺑﻼﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.


ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئ‍ەڭ چوڭ فىفا سالونغا ھەقسىز ئىلان بەرمەكچى بول

سىڭىز، مەن بىلەن ئ‍الاقىلىشىڭ

wx:18099831748


EliDyar
WX:18099831748

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئېلى دىيار سالونىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئوقۇۋاتقان تورداشلار سالونىمىز 2016-يىلى1-ئاينڭ-6 كۈنى قۇرۇلغاننىڭ ياقى مەخسۇس فىفا ئويۇنىدىكى چوڭ بوشلوقنى تولوقلاش ئۇچۈن  ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى بولوپ قۇرولغان بولوپ ھازىر سالونىمىزغا ئەزا بولغانلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ چوڭىيپ ھەم مۇكەممەللىشىپ كىلىۋاتىدۇ.

 

سالونىمىز نى تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ بىز ئېلان بىسىپ قۇيۇڭ دىمەيمىز  ھەم ئېلان مۇ چىقار مايمىز  بىزگە پەقەت قوللاش كىرەك 

تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى كىلەركى سانىمىزدا يوللايمىز